2008/08/07

UNIX ۋە شۇ خىلدىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى

1969 يىلى ئامىرىكا بىل لابىراتورىدا كىن تومپسون ۋە دېننىس رىچى تۇنجى قېتىم يۇنىكس مەشغۇلات سىستىمىنى بەرپا قىلىپ چىققان، بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى دەسلىۋىدىلا بىردىن ئارتۇق ئوخشىمىىغان مۇھىتتا مەشغۇلات ئېپبارالايدىغانMutlti Architech، بىردىن كۆپ ئىشلەتكۈچى تەڭ ئىشلىتەلەيدىغان Multi User ھەم بىرلا ۋاقىتتا بىردىن كۆپ ۋەزىپە Multi Task ئورۇندىيالايدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن . بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى دەسلىۋىدە ئاسسىمبىلي Assembly تىلىدە يېزىلغان، ئاندىن دېننس رىچى بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئۈچۈن سى پروگرامما تۈزۈش تىلىنى تۈزۈپ 1973 . يىلى يۇنىكسنى قايتىدىن يېزىپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى تېخىمۇ ئىلغارلاشقان.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يۇنىكسنىڭ كودى ئوچۇق بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان ھەم تىزلا باشقا شىركەت ۋە ئۈنىۋېرسىتلەردە تارقالغان . كودنىڭ ئېچىۋىتىلگەن بولىشى باشقا سى پروگراممىرلىرىنىڭ بۇ مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلدۇرىشىغا قولايلىق يارىتىپ 2 نۇسخسىسى ، كېيىنچە 3، 4، 5 ،6. نۇسخىلىرى چىققان، 1978 . يىلىغا كەلگەندە 600 دىن ئارتۇق كومپيوتر يۇنىكسنى قوللانغان . 1979. يىللىرىغا كەلگەندە 10 نۇسخىسى چىققان . بۇ ئارىلىقتا سىرتقا تارقالغان كودتىن بېرىكلى ئۈنىۋىرسىتى تەرىپىدىن تۇنجى BSD نۇسخىسا بالىققا كەلگگەن ۋە تەرەققى قىلىپ 1982 . يىلى BSD 4 گە يەتكەن ( بۇ كېيىنچە باشقا بىر قانچە يۇنىكىس تىپىدىكى مەشغۇلات سىستىمىلرىنىڭ ئاساسى بولىدۇ، باشقا بىر ماقالىمىزدە تەپسىلى تونىشىمىز ).1980 . يىلى AT&T يۇنىكسنى سېتىۋىلىپ UNIX System III نى 1982 . يىلى بازارغا سالغاندىن تارتىپ يۇنىكس AT&T نىڭ مەھسۇلاتى (System V) بولۇپ ھەقلىق بولۇپ قالغان، ھەم كودىمۇ بىللە تارقىتىلمىغان . بۇ ئىش خىلى كۆپ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بۇرۇن بار بولغان كودتىن پايدىلىنىپ ئايرىم مەشغۇلات يۇنىكس سىستىمىسى ياساشنى قارار قىلغان، بۇلاردىن Richard Stallman رىچارد ستولمان GNU ئىسمىدا بىر مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلەشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە خىل يۇنىكس ئىسمىدا مەشغۇلات سىستىمىلىرىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن بازارغا چۈشكەن .مايكروسوفتمۇ بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ Xenix نى بازارغا سالغان . HP شىركىتىمۇ HP-UX نى بازارغا سالغان . Digital Ecuipmet بولسا VAX نى بازارغا سالغان . 1993 . يىلىغا كەلگەندە AT&T يۇنىكسنى Novell گە ساتقان، Novell كېيىنچە ئۇنى SCO غا ساتقان . ھازىر بار بولغان مەشھۇر يۇنىكس نۇسخىلىرىدىن سان شىركىتىنىڭ Sun Solaris مەشغۇلات سىتىمىسى (Sun OS ﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ)، SCO نىڭ يۇنىكس قاتارلىقلىرى بار، ھەم باھاسى خىلىلا قىممەت.ئومۇمەن يۇنىكىس سىستىمىلىرى گىرافىك ۋە ئىشلەتكۈچى ئىكرانى جەھەتتىن ئانچە تەرەققى قىلمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمىلى مۇلازىمىتىر شەكلىدە خىزمەت قىىلش. تورلاشتۇرۇش ۋە توردىن باشقا كومپيوتېرلارنى باشىقۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئابونتلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك سانىلىدۇ. ھازىر پېشىپ يېتىلگەن ۋىندوز، لىنۇكس سىستىمىلىرى ئوتتۇرغا چىقىشتىن بۇرۇن تور مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن چەۋەندازلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن، گەرچە ھازىر ۋىندوز ۋە لىنۇكس ۋە BSD تىپىدىكى مۇلازىمىتىرلار تەرىپىدىن داڭقى تارايغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر، لابىراتور ۋە تەجرىبىخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە. ھەقىقى يۇنىكس سىستىمىسىنى سىناپ باقماقچى بولغانلار ھازىر سان شىركىتىنىڭ سولارىس 10 . نەشىرىنى ئىنتىل تىپىدىكى ماشىنىلاردىمۇ سىنالايدۇ . بۇ بۇرۇن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى .
مەنبە: كونا بىلىك كۇلۇبى

تولۇق ئوقۇش

 
@Powered By @QMaginit