2009/03/06

ئانا تىلىم جان تىلىم

جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن،

ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن.

زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ،

ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن .

نامىم ئۇيغۇر !
ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە !!
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!!

ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،

كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن .

گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن .

سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم !
كۈيلەيدىغان تىلم سەن !

بايرىغىم سەن !
بارلىغىم سەن !
يارىغىم سەن !!

ئانامسەن !!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!

قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ ... !
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت !
ياشايدىغان تىلىم سەن !!!

غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ،

سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن !

سەن گۈزەلسەن ، سەن شىرىن سەن ، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس !
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن .

نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ،

پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن ،

شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن .

نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە ... !

تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن !

نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ،

دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن .

ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن !

شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن !

نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار !
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن !

سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت !
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن .

تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ ـ شانىڭغا ،

ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن !

ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن !

سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ،

قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن .

ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ،

كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن .

مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان ( نېمىس ) مۇ ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن .

تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن .

بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن .

شۇنداق !
ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ !
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن !

بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم !
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن !

ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن !

چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن .

شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان ،
قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن .

« !ــ «ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر بىلسەڭ ،
شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن !

ياشنايدىغان تىلىم سەن !

ياشا !
ياشا !!

مىڭلاپ ياشا !!!
پاياندازىڭ مەن سېنىڭ !
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن !

بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن .


يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن !

خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن .

كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن .

سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم !
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!

ــــ ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز

تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل
2007 . 2 . 11

تولۇق ئوقۇش

 
@Powered By @QMaginit