2009/03/17

يۇمتاللارنى كۆچۈرۈۋېلىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

كومپىيۇتېر پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىش

مەن سېتىۋالمىغان كومپىيۇتېر پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىشىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: مەدھىيە ئاللاھقىدۇربۇ سوئالغا شەيىخ ئابدۇلئەزىيز بىن باز رەئىسلىكىدىكى فەتىۋا بېرىش دائىمىي ھەيئېتى مۇنداق جاۋاپ بەردى : يۇمتاللارنى ئەسلى ئىگىلىرى ياكى نەشىر ھوقۇقدارىنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈۋېلىشكە بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھ ئۇنى تەرپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن مۇنداق دېگەن:
(1) «مۇسۇلمانلار (كېلىشىم)شەرتلىرىدە تۇرۇشى كېرەك.»
(2) «بىر مۇسۇلماننىڭ مۈلكىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىش ھالال ئەمەس» ھەمدە ،
(3) « كىم بىر مۇباھ نەرسىگە ئاۋۋال ئېرىشسە ، ئاشۇ ئۇنىڭغا بەكرەك ھەقلىق.» بۇ پروگراممىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان ياكى ئۇرۇشمايدىغان كاپىر بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشمايدىغان كاپىرنىڭ ھەق-ھوقۇقى مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقى ھۆرمەتلەنگەندەك ھۆرمەتلىنىدۇ ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .ھەيئەت فەتىۋالىرى ، 18453-نومۇر.
شەيىخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىيندىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تۆۋەندىكى جاۋاپ كەلدى:
ئۇنىڭغا قارىتا ئۇ ھەقتە ئىقىۋاتقان ئادەتكە ئەگىشىلىدۇ، ئاللاھىم ،پەقەت بىر شەخىس ئۇنى ئۆزى ئۈچۈنلا كۆچۈرۈۋېلىشنى ئىستەيدۇ ھەمدە پروگرامما ئىگىسى ياكى نەشىر ھوقۇقدارى بۇ يۇمتالنى شەخسىي ياكى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆچۈرۈۋېلىشنى ئاشكارا چەكلىمىگەن بولسا ، بۇنىڭدا ھېچ ۋەقەسى بولماس دەپ ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن ، ئىگىسى ياكى نەشىر ھوقۇقدارى بۇ يۇمتالنى شەخسىي ياكى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆچۈرۈش چەكلىنىدۇ دەپ ئالاھىدە بايان قىلغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ يۇمتالنى كۆچۈرۈۋېلىشكە بولمايدۇ.
ھەيئەت فەتىۋالىرى، 18453- نومۇر
شەيىخ سالىھ بىن مۇھەممەد ئۇسەيمىين
http://islamqa.com/ar/ref/454/برامج

تولۇق ئوقۇش

2009/03/10

Java ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى

1. java applet
بۇ java تىلىنىڭ كىچىك قوللانمىسى بۇلۇپ JVM قوشۇلغان جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە JAVA بىلەن ئوخشاش. بۇنداق پىروگىراممىلار ئادەتتە تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلۇپ، تور بەتتىكى ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن دولقۇنلاپ تۇرغان سۇ يۈزى، ھەرخىل ساليوتلار...... دىگەندەك چىرايلىق ھەركەتچان سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ java applet پىروگىراممىسى ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان.
بۇنداق پىروگىراممىدا ئادەتتە init،paint،start،stop ،destory دىگەندەك فونكىسسىيىلەر بۇلىدۇ. جاھاننامە مۇشۇ فونكىسسىيلەر ئارقىلىق بۇنداق پىروگىرامما قوشۇلغان تور بەتتىكى ھەركەتچان سۈپەتلەرنى بەت يۈزىدە كۆرسۈتىدۇ.
2. JavaScript
بۇ java تىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئابونت تەرەپ قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە java بىلەن ئوخشاش. java applet قا ئوخشاش جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. ئوخشاشلا تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلىدۇ. بۇ تىلدا تور بەتتىكى ئابونتلار كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش، ھەر خىل ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغان كىچىك پىروگىراممىلار تۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ.
3. Java Server Pages
يەنى ئادەتتە ئېيتىلىدىغان JSP. بۇمۇ Java ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە Java بىلەن ئوخشاش. لېكىن ئۇ مۇلازېمېتېر قوليازما تېلى. مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلىدۇ. بۇ تىلدا ئادەتتە ASP,PHP لارغا ئوخشاش ھەركەتچان تور بەتلېرى ئىشلىنىدۇ.
4. Java Server Faces
بۇ ئادەتتە JSF دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ JSP ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن كۆپ ئېئېقتىدارلىق مولازىمېتېر قوليازما تېلى. بۇنىڭدا يېزىلغان بەتلەرنىڭ جاھاننامىدىكى ئىپادىلەش ئېقتىدارى كۆپ كۈچلۈك بۇلۇپ،ASP, ASP.NET لەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقى توربەتلەرنى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللېرىنىڭ ئابونتلار كۆرۈنۈشىگە يېقىنلاشتۇرغان.
5. Java Servelet
بۇمۇ ئوخشاشلا Java ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن تور بەت پىروگىراممىسى. JSP غا ئوخشاشلا مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلۇپ ھەرخىل تور بەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. Http ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، Http جاۋابىنى قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭ JSP بىلەن پەرقى: JSP دا htm گىرامماتىكىسى ئاساسىدا پىروگىرامما يېزىلىدۇ. JSP پىروگىراممىسىغا قارىسىڭىز خۇددى htm بېتىنىڭ ئۆزى. Java Servelet تە بولسا پۈتۈنلەي Java گىرامماتىكىسى ئارقىلىق بەت ھاسېل قىلىش پىروگىراممىسى يېزىلىدۇ.
6. JavaBean
بۇ سېپى ئۆزىدىن Java پىروگىراممىسى بۇلۇپ، ئادەتتە Java قوشۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەلوم ھۈججەت توپى شەكلىدە مۇلازېمېتېرغا ( ئارا دېتالغا) قويۇلۇپ، JSP ياكى Java Servelet تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ. بۇنى JSP ۋە Java Servelet ئايرىپ يېزىشتىكى مەقسەت ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى بىلەن كەسپى لوگىكا قەۋىتىنى ئايرىشتىن ئىبارەت. شۇڭاJSP ياكىJava Servelet دە ئابونتلار كۆرۈنۈشى (تور بەت) ئىشلەنسە، پىروگىراممىدىكى كەسپى لوگىكا مۇشۇ JavaBean دا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. JavaBean باشقىلاردىن ئايرىم تۇرغاچقا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش ئۈچۈن تولىمۇ باپ كېلىدۇ. بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچىرىتىدىغان EJB دەل مۇشۇ JavaBean نىڭ كارخانا دەرىجىلىك قوللانمىسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مەنبە: تور دۇنياسى

تولۇق ئوقۇش

2009/03/06

ئانا تىلىم جان تىلىم

جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن،

ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن.

زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ،

ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن .

نامىم ئۇيغۇر !
ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە !!
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!!

ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،

كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن .

گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن .

سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم !
كۈيلەيدىغان تىلم سەن !

بايرىغىم سەن !
بارلىغىم سەن !
يارىغىم سەن !!

ئانامسەن !!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!

قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ ... !
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت !
ياشايدىغان تىلىم سەن !!!

غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ،

سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن !

سەن گۈزەلسەن ، سەن شىرىن سەن ، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس !
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن .

نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ،

پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن ،

شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن .

نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە ... !

تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن !

نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ،

دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن .

ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن !

شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن !

نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار !
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن !

سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت !
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن .

تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ ـ شانىڭغا ،

ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن !

ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن !

سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ،

قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن .

ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ،

كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن .

مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان ( نېمىس ) مۇ ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن .

تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن .

بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن .

شۇنداق !
ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ !
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن !

بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم !
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن !

ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن !

چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن .

شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان ،
قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن .

« !ــ «ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر بىلسەڭ ،
شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن !

ياشنايدىغان تىلىم سەن !

ياشا !
ياشا !!

مىڭلاپ ياشا !!!
پاياندازىڭ مەن سېنىڭ !
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن !

بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن .


يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن !

خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن .

كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن .

سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم !
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!

ــــ ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز

تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل
2007 . 2 . 11

تولۇق ئوقۇش

 
@Powered By @QMaginit