2009/03/10

Java ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى

1. java applet
بۇ java تىلىنىڭ كىچىك قوللانمىسى بۇلۇپ JVM قوشۇلغان جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە JAVA بىلەن ئوخشاش. بۇنداق پىروگىراممىلار ئادەتتە تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلۇپ، تور بەتتىكى ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن دولقۇنلاپ تۇرغان سۇ يۈزى، ھەرخىل ساليوتلار...... دىگەندەك چىرايلىق ھەركەتچان سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ java applet پىروگىراممىسى ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان.
بۇنداق پىروگىراممىدا ئادەتتە init،paint،start،stop ،destory دىگەندەك فونكىسسىيىلەر بۇلىدۇ. جاھاننامە مۇشۇ فونكىسسىيلەر ئارقىلىق بۇنداق پىروگىرامما قوشۇلغان تور بەتتىكى ھەركەتچان سۈپەتلەرنى بەت يۈزىدە كۆرسۈتىدۇ.
2. JavaScript
بۇ java تىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئابونت تەرەپ قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە java بىلەن ئوخشاش. java applet قا ئوخشاش جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. ئوخشاشلا تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلىدۇ. بۇ تىلدا تور بەتتىكى ئابونتلار كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش، ھەر خىل ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغان كىچىك پىروگىراممىلار تۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ.
3. Java Server Pages
يەنى ئادەتتە ئېيتىلىدىغان JSP. بۇمۇ Java ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە Java بىلەن ئوخشاش. لېكىن ئۇ مۇلازېمېتېر قوليازما تېلى. مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلىدۇ. بۇ تىلدا ئادەتتە ASP,PHP لارغا ئوخشاش ھەركەتچان تور بەتلېرى ئىشلىنىدۇ.
4. Java Server Faces
بۇ ئادەتتە JSF دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ JSP ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن كۆپ ئېئېقتىدارلىق مولازىمېتېر قوليازما تېلى. بۇنىڭدا يېزىلغان بەتلەرنىڭ جاھاننامىدىكى ئىپادىلەش ئېقتىدارى كۆپ كۈچلۈك بۇلۇپ،ASP, ASP.NET لەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقى توربەتلەرنى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللېرىنىڭ ئابونتلار كۆرۈنۈشىگە يېقىنلاشتۇرغان.
5. Java Servelet
بۇمۇ ئوخشاشلا Java ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن تور بەت پىروگىراممىسى. JSP غا ئوخشاشلا مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلۇپ ھەرخىل تور بەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. Http ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، Http جاۋابىنى قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭ JSP بىلەن پەرقى: JSP دا htm گىرامماتىكىسى ئاساسىدا پىروگىرامما يېزىلىدۇ. JSP پىروگىراممىسىغا قارىسىڭىز خۇددى htm بېتىنىڭ ئۆزى. Java Servelet تە بولسا پۈتۈنلەي Java گىرامماتىكىسى ئارقىلىق بەت ھاسېل قىلىش پىروگىراممىسى يېزىلىدۇ.
6. JavaBean
بۇ سېپى ئۆزىدىن Java پىروگىراممىسى بۇلۇپ، ئادەتتە Java قوشۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەلوم ھۈججەت توپى شەكلىدە مۇلازېمېتېرغا ( ئارا دېتالغا) قويۇلۇپ، JSP ياكى Java Servelet تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ. بۇنى JSP ۋە Java Servelet ئايرىپ يېزىشتىكى مەقسەت ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى بىلەن كەسپى لوگىكا قەۋىتىنى ئايرىشتىن ئىبارەت. شۇڭاJSP ياكىJava Servelet دە ئابونتلار كۆرۈنۈشى (تور بەت) ئىشلەنسە، پىروگىراممىدىكى كەسپى لوگىكا مۇشۇ JavaBean دا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. JavaBean باشقىلاردىن ئايرىم تۇرغاچقا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش ئۈچۈن تولىمۇ باپ كېلىدۇ. بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچىرىتىدىغان EJB دەل مۇشۇ JavaBean نىڭ كارخانا دەرىجىلىك قوللانمىسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مەنبە: تور دۇنياسى

تولۇق ئوقۇش

 
@Powered By @QMaginit