2009/03/17

يۇمتاللارنى كۆچۈرۈۋېلىشنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى

كومپىيۇتېر پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىش

مەن سېتىۋالمىغان كومپىيۇتېر پروگراممىلىرىنى كۆچۈرۈۋېلىشىمنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: مەدھىيە ئاللاھقىدۇربۇ سوئالغا شەيىخ ئابدۇلئەزىيز بىن باز رەئىسلىكىدىكى فەتىۋا بېرىش دائىمىي ھەيئېتى مۇنداق جاۋاپ بەردى : يۇمتاللارنى ئەسلى ئىگىلىرى ياكى نەشىر ھوقۇقدارىنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈۋېلىشكە بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر ئاللاھ ئۇنى تەرپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن مۇنداق دېگەن:
(1) «مۇسۇلمانلار (كېلىشىم)شەرتلىرىدە تۇرۇشى كېرەك.»
(2) «بىر مۇسۇلماننىڭ مۈلكىنى ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ئىشلىتىش ھالال ئەمەس» ھەمدە ،
(3) « كىم بىر مۇباھ نەرسىگە ئاۋۋال ئېرىشسە ، ئاشۇ ئۇنىڭغا بەكرەك ھەقلىق.» بۇ پروگراممىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان ياكى ئۇرۇشمايدىغان كاپىر بولسۇن ئوخشاش، چۈنكى ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشمايدىغان كاپىرنىڭ ھەق-ھوقۇقى مۇسۇلماننىڭ ھەق-ھوقۇقى ھۆرمەتلەنگەندەك ھۆرمەتلىنىدۇ ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .ھەيئەت فەتىۋالىرى ، 18453-نومۇر.
شەيىخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىيندىن بۇ مەسىلىگە قارىتا تۆۋەندىكى جاۋاپ كەلدى:
ئۇنىڭغا قارىتا ئۇ ھەقتە ئىقىۋاتقان ئادەتكە ئەگىشىلىدۇ، ئاللاھىم ،پەقەت بىر شەخىس ئۇنى ئۆزى ئۈچۈنلا كۆچۈرۈۋېلىشنى ئىستەيدۇ ھەمدە پروگرامما ئىگىسى ياكى نەشىر ھوقۇقدارى بۇ يۇمتالنى شەخسىي ياكى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆچۈرۈۋېلىشنى ئاشكارا چەكلىمىگەن بولسا ، بۇنىڭدا ھېچ ۋەقەسى بولماس دەپ ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن ، ئىگىسى ياكى نەشىر ھوقۇقدارى بۇ يۇمتالنى شەخسىي ياكى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆچۈرۈش چەكلىنىدۇ دەپ ئالاھىدە بايان قىلغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ يۇمتالنى كۆچۈرۈۋېلىشكە بولمايدۇ.
ھەيئەت فەتىۋالىرى، 18453- نومۇر
شەيىخ سالىھ بىن مۇھەممەد ئۇسەيمىين
http://islamqa.com/ar/ref/454/برامج

تولۇق ئوقۇش

2009/03/10

Java ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى

1. java applet
بۇ java تىلىنىڭ كىچىك قوللانمىسى بۇلۇپ JVM قوشۇلغان جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە JAVA بىلەن ئوخشاش. بۇنداق پىروگىراممىلار ئادەتتە تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلۇپ، تور بەتتىكى ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ، مەسىلەن دولقۇنلاپ تۇرغان سۇ يۈزى، ھەرخىل ساليوتلار...... دىگەندەك چىرايلىق ھەركەتچان سۈرەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇشۇ java applet پىروگىراممىسى ئارقىلىق جانلاندۇرۇلغان.
بۇنداق پىروگىراممىدا ئادەتتە init،paint،start،stop ،destory دىگەندەك فونكىسسىيىلەر بۇلىدۇ. جاھاننامە مۇشۇ فونكىسسىيلەر ئارقىلىق بۇنداق پىروگىرامما قوشۇلغان تور بەتتىكى ھەركەتچان سۈپەتلەرنى بەت يۈزىدە كۆرسۈتىدۇ.
2. JavaScript
بۇ java تىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئابونت تەرەپ قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە java بىلەن ئوخشاش. java applet قا ئوخشاش جاھاننامىدە ئىجىرا بۇلىدۇ. ئوخشاشلا تور بەت ئىچىگە قىستۇرۇلىدۇ. بۇ تىلدا تور بەتتىكى ئابونتلار كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش، ھەر خىل ھەركەتچان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغان كىچىك پىروگىراممىلار تۈزۈلىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئۈچۈن كېرەك بۇلىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ.
3. Java Server Pages
يەنى ئادەتتە ئېيتىلىدىغان JSP. بۇمۇ Java ئاساسىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن قوليازما تېلى. تىل گىرامماتىكىسى جەھەتتە Java بىلەن ئوخشاش. لېكىن ئۇ مۇلازېمېتېر قوليازما تېلى. مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلىدۇ. بۇ تىلدا ئادەتتە ASP,PHP لارغا ئوخشاش ھەركەتچان تور بەتلېرى ئىشلىنىدۇ.
4. Java Server Faces
بۇ ئادەتتە JSF دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ JSP ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن كۆپ ئېئېقتىدارلىق مولازىمېتېر قوليازما تېلى. بۇنىڭدا يېزىلغان بەتلەرنىڭ جاھاننامىدىكى ئىپادىلەش ئېقتىدارى كۆپ كۈچلۈك بۇلۇپ،ASP, ASP.NET لەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئېقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقى توربەتلەرنى ئۈستەل يۈزى يۇمشاق دېتاللېرىنىڭ ئابونتلار كۆرۈنۈشىگە يېقىنلاشتۇرغان.
5. Java Servelet
بۇمۇ ئوخشاشلا Java ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن تور بەت پىروگىراممىسى. JSP غا ئوخشاشلا مۇلازېمېتېردا ئىجىرا بۇلۇپ ھەرخىل تور بەتلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. Http ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ، Http جاۋابىنى قايتۇرىدۇ. ئۇنىڭ JSP بىلەن پەرقى: JSP دا htm گىرامماتىكىسى ئاساسىدا پىروگىرامما يېزىلىدۇ. JSP پىروگىراممىسىغا قارىسىڭىز خۇددى htm بېتىنىڭ ئۆزى. Java Servelet تە بولسا پۈتۈنلەي Java گىرامماتىكىسى ئارقىلىق بەت ھاسېل قىلىش پىروگىراممىسى يېزىلىدۇ.
6. JavaBean
بۇ سېپى ئۆزىدىن Java پىروگىراممىسى بۇلۇپ، ئادەتتە Java قوشۇلمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئادەتتە مەلوم ھۈججەت توپى شەكلىدە مۇلازېمېتېرغا ( ئارا دېتالغا) قويۇلۇپ، JSP ياكى Java Servelet تەرىپىدىن قوزغىتىلىدۇ. بۇنى JSP ۋە Java Servelet ئايرىپ يېزىشتىكى مەقسەت ئابونتلار كۆرۈنۈشى قەۋىتى بىلەن كەسپى لوگىكا قەۋىتىنى ئايرىشتىن ئىبارەت. شۇڭاJSP ياكىJava Servelet دە ئابونتلار كۆرۈنۈشى (تور بەت) ئىشلەنسە، پىروگىراممىدىكى كەسپى لوگىكا مۇشۇ JavaBean دا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. JavaBean باشقىلاردىن ئايرىم تۇرغاچقا كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش ئۈچۈن تولىمۇ باپ كېلىدۇ. بىز ئادەتتە كۆپ ئۇچىرىتىدىغان EJB دەل مۇشۇ JavaBean نىڭ كارخانا دەرىجىلىك قوللانمىسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
مەنبە: تور دۇنياسى

تولۇق ئوقۇش

2009/03/06

ئانا تىلىم جان تىلىم

جەنابىي ھەق ياراتقاندا تەڭ يارالغان تىلىم سەن،

ھەمدە جانۇ ــ جىسمىمگە قاندەك تارالغان تىلىم سەن.

زۇۋانىمنى ئوغۇز سۈتى بىرلە ئاچتىم ئۇيغۇر بوپ،

ئۆمۈرلۈككە ساداقەتكە خاس قارالغان تىلىم سەن .

نامىم ئۇيغۇر !
ۋە شۇڭىمۇ تىلىم مەڭگۇ ئۇيغۇرچە !!
ئەلمىساقتىن مۇقەددەس ۋە ئۆز ئاتالغان تىلىم سەن !!!

ھىچ كىمنىڭ يوق ھەققى شۇڭا قوللانمايسەن دېيىشكە ،

كەلسىمۇ باشىمغا قىلىچ قاچمايدىغان تىلم سەن .

گەر چېپىلسام شېھىتتۇرمەن جەنابىي ھەق ئەمرىچۈن ،
ماڭا شۇنچە ئالىي شەرەپ نىشانلىغان تىلىم سەن .

سېنىڭسىز جىسمىممۇ جانسىز ، روھىممۇ مۇتلەق جانسىز ،
سەنسىز كۈنۈم جانغا زۇلۇم !
كۈيلەيدىغان تىلم سەن !

بايرىغىم سەن !
بارلىغىم سەن !
يارىغىم سەن !!

ئانامسەن !!!
سېنى تاشلاش مۇناپىقلىق !!!

قوغدايدىغان تىلىم سەن !!!
تىل دېمەك ــ مىللەت دېمەك ، گەر تىل يۇقالسا مىللەتمۇ ... !
يىمىرىلمەس بۇ ھەقىقەت !
ياشايدىغان تىلىم سەن !!!

غەيرى تىلغا خۇشتار بولماق ــ قاغا يانتاق سۆيگىنى ،

سەن گۈلۈمسەن بۇلبۇل كەبى سايرايدىغان تىلىم سەن !

سەن گۈزەلسەن ، سەن شىرىن سەن ، ــ قىممىتىڭگە سۆز يەتمەس !
نامىڭ بىرلە تا ئەبىدى يايرايدىغان تىلىم سەن .

نەچچە مىڭ خىل تىل بىلىشتە كامالەتكە يەتسەممۇ ،

پەخىرلىنىپ چاڭ چاڭ چاڭ سۆزلەيدىغان تىلىم سەن ،

شۇنچىۋالا قەدىرلىكسەن جاندىن ئېزىز ئانامدەك ،
جەنابىي ھەق رىزاسىنى كۆزلەيدىغان تىلىم سەن .

نىمە ئۇ گاھ ئىنگىلىزچە گاھى رۇس ۋە باشقىچە ... !

تا ئەبىدى پاكلىغىڭنى ساقلايدىغان تىلىم سەن !

نومۇسسىزلىق ، ۋىجدانسىزلىق ئانا تىلدىن چەتنىمەك ،

دۇنيا ئالتۇن تارتۇق قىلسا ئازمايدىغان تىلىم سەن .

ھەيرانىمەن ، ۋەيرانىمەن بىچارە نادانلارغا ،
بۇ دۇنيادا نەدە بۇلاي ئارزۇلايدىغان تىلىم سەن !

شۇم رەزىللەر جۆيلىشىدۇ ، ــ كارغا كەلمەس ، يوق قىلىپ ،
نى نى قىسمەت ۋە ھىكمەتلەر تولۇپ ــ تاشقان تىلىم سەن !

نىمە دىگەن ناھەقچىلىق ! ــ دەرس مۈنبىرى ساڭا تار !
چۈشەنسىچۇ ! ـــ مەرىپەتتە ئۇستاز بولغان تىلىم سەن !

سېنى چەكلەش ، سېنى يەكلەش ــ پىر ــ ئۇستازغا ھاقارەت !
نادانلىقنىڭ زەربىسىدىن ساقلايدىغان تىلم سەن .

تارىخ ئۆلمەس ، بەلكى شاھىت ! ــ مىسلى شەرەپ ـ شانىڭغا ،

ئالەمگە نۇر ، پاسىۋان بوپ داڭ چىقارغان تىلىم سەن !

ــ ئەۋۋەلى ئىڭڭە بىلەن دۇنياغا كەلگەندىن بېرى ،
ئىنسانچە ياشاش يۇلىنى خىتاپ قىلغان تىلىم سەن !

سەن بىلەن ئىلىم ــ بىلىمدە دىلى يۇرۇپ ئالەمچە ،

قانچىلاپ ئالىم ، زىيالى داۋان ئاشقان تىلىم سەن .

ئەنە مەھمۇت ، يۇسۇپ ھەمدە لۇتفى ناۋايى ، ... لارنىڭ ،

كىتابىغا جان ، گۈزەللىك بېغىشلىغان تىلىم سەن .

مۇندا گۇننار يارىڭ ( شۋىت ) ، گابائىن خان ( نېمىس ) مۇ ،
ھەيران بولۇپ ھىكمىتىڭدىن ئالقىشلىغان تىلىم سەن .

تېخى گابائىن ساڭا زەپ ئاشىقلىقتا ، خوشلۇقتا ،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا ئاتاپ كىتاپ يازغان تىلىم سەن .

بەلكى پۈتكۈل ھاياتىنى بېغىشلاپ بىرلا ساڭا ،
توي قىلماستىن كۆز يۇمۇشقا ئىلھام بولغان تىلىم سەن .

شۇنداق !
ئالىم سېنى سۆزلەر ، تارىخ بىلگەن نوچىمۇ !
كۈيلىمەككە ، سۆزلىمەككە زەپ ياراشقان تىلىم سەن !

بۇ ھەقىقەت ! ــ بىلگەن بىلۈر قەدىرىڭنى جان تىلىم !
بىلمىگەن شۇم نائەھلىلەر تۆھمەت قىلغان تىلىم سەن !

ۋەلىكىن كارۋان كېتىدۇ ، ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ ،
ئىلىم سۆيگەن ھەقىقەتچى ھۆرمەت قىلغان تىلم سەن !

چۈشەنگەچ مەن بۇ مۇبارەك قىسمىتىڭنى جان تىلىم ،
بۇرچۇم بىلىپ تۇنۇتۇشنى قەلەم ئالغان تىلىم سەن .

شۇڭىمۇ يىل يەتتى ئونغا يىراق قىرلاردا ھامان ،
قىنالساممۇ بۇشاشمىدىم ، ئوتنى سالغان تىلىم سەن .

« !ــ «ئوتقا مەپتۇندۇر سەمەندەر ، لاۋا ئوت بەختىدۇر بىلسەڭ ،
شۇنچە تارتتىڭ مىھرىمنى سەن !

ياشنايدىغان تىلىم سەن !

ياشا !
ياشا !!

مىڭلاپ ياشا !!!
پاياندازىڭ مەن سېنىڭ !
كۆزۈمنىڭ گەۋھىرى كەبى ئاسرايدىغان تىلىم سەن !

بۇ ئاللاھىم بېغىشلغان پاك ئەقىدەم ، ۋەزىپەم ،
زەررىچىلىك تەتۈر باقسام بولمايدىغان تىلم سەن .


يازىمەن شۇڭا كىتابىم ، ۋەلىكىن كۆپ خىجىلمەن ،
تەسۋىرىڭنى مىڭ يىل يازسا پۈتمەيدىغان تىلىم سەن !

خەيرىيەت ، كۆپ سۆيۈنۈشتىن تۇتالمىدىم ئۆزۈمنى ،
شۇڭا جاننى مەرت ــ مەردانە پىدا قىلغان تىلىم سەن .

كۆرۈپ باققاي ئېزىز خەلقىم ، ئىلھامىمۇ بوپ قالار ،
شۇ ئارماندا ئاللاھقا كۆپ نىدا قىلغان تىلىم سەن .

سېنى شۇنچە سۆيىمەن ئەي ئانا تىلىم جان تىلىم !
سۆيگۈ گۈلزارىدا بۇلبۇل خەندان ئۇرغان تىلىم سەن !!!

ــــ ئابدۇل قۇددۇس ئابدۇل ھافىز

تۈركىيە ـــ ئىستانبۇل
2007 . 2 . 11

تولۇق ئوقۇش

2009/01/06

مەن يىغىۋالغان لۇنىكىس توغرىسىدىكى بىلىملەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تۆۋەندە مەن ھەرقايسى تور بېكەتلەردىن يىغىۋالغان لۇنىكىس توغرىسىدىكى تىمىلارنىڭ ئادرىسىنى كۆرسۈتۈپ ئۆتەي.تور-بېكەتلىرىمىزدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەكرارلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى.ئادرېسلار:
UbuntuLinuxنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش [يىڭى]
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=5265
[ياردەم] Linux ubuntuنىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسى توغۇرسىدا
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=5298
2007-يىلىدىكى مەشغۇلات سىزنى جەلىپ قىلغان مەشغۇلات سېستىمىسى قايسى http://www.akillar.com/bbs/viewthread.php?tid=3364
ubuntu مۇنازىرە مۇنبىرى:
http://forum.ubuntu.org.cn/
چۈشۈرKubuntu 8 مەشغۇلات سىستىمىسى
http://www.intil.cn/bbs/ShowPost.asp?ThreadID=1222

تولۇق ئوقۇش

2008/12/20

XPسېستىمىسىدا خەت نۇسخىسى قاچىلاش

مەلۇم بولىشىچە،بەزى سېستىمىلاردا سىرتتىن خەت نۇسخىسى قاچىلىغىلى بولمايدىكەن.مەن بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن توردىن خېلى كۆپ ماتىرياللارنى ئىزدىدىم.ھەم ئاخىرىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللارنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم.قېنى ئەمىسە سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.
1.تۆۋەندىكى كودنى desktop.ini شەكلىدە C:\WINDOWS\Fonts غا كۆچۈرۈڭ. كود:
[.ShellClassInfo]

UICLSID={BD84B380-8CA2-1069-AB1D-08000948F534}
2بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ،تۆۋەندىكى بۇيرۇقلارنى بېرىڭ.
..cd
..cd
cd windows attrib +s +r fonts
يەنە بىرخىل ئۇسۇل: ئالدى بىلەن،قورال--ھۆججەت جازىسى تاللانمىسى--تەكشۈرمەك--ئاددى شەكىلدە ھۆججەت ئورتاقلىشىشنىڭ ئالدىدىكى تاللانمىنى ئېلىپ تاشلايمىز.ئاندىن C:\WINDOWS\Fonts نىڭ بىخەتەرلىك خاسلىقىغا Administrator دېگەن ئابونىتنى قوشىمىز.ھەمدە بۇ ئابونىتنى بارلىق ھوقۇققا ئېگە قىلىمىز.ئاخىرىدا بىز قوشماقچى بولغان فونتنى خالىغانچە قوشساق،ئۈنۈمىنى شۇ ۋاقىتتا كۆرىمىز!!:

تولۇق ئوقۇش

2008/09/19

Wine نى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئاخىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدىم!ئۇسۇللار تۆۋەندىكىچە:ئالدى بىلەن Wineنىڭ 1.1.4 نەشىرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز.ئادرېسى: http://www.winehq.org نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە.(ئەلۋەتتە،System--Administrator--Synaptic Package Manager ئارقىلىق Wine دەپ ئىزدەپ قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)ئاندىن Terminal دا ئاشۇ .msi ھۆججىتى بار مۇندەرىجىگە بېرىپ Wincfg ۋە wine msiexec /i xx.msi دېگەن بۇيرۇقلارنى بېرىپ،قاچىلىساق بولىدۇ.
قېنى سىناپ بېقىڭ.
ئەمدى مەن ھەل قىلالمىغان مەسىلە: يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى قاچىلىيالمىدىم.سىزچە قانداق قىلساق بولىدۇ؟

تولۇق ئوقۇش

2008/09/03

روزا ھەققىدە ساۋاتلار

1.روزىنىڭ مەنىسى : لوغەتتە،ئىنسان ئۆزنى بىر نەرسىدىن توسقان دېگەن مەندە، شەرىئەتتە بولسا :ئىنسان يىمەك-ئىچمەككە ئوخشىغان روزىسىنى بۇزىدىغان نەرسىدىن ئۆزىنى توسقان دېگەن مەندە.2.روزا تۇتۇشنىڭ ۋاقتى : سۇبىھى يورغاندىن باشلاپ تاكى كۇن پاتقىچە يەنى كۇننىڭ توقاچ ھالىتى غايىپ بولغىچىلىك . 3.نىيەت قىلغاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا: <<رامىزان ئىيىدا روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدىم ،مىنىڭ مۇقەددىم ۋە مۈئەخخىرەدەئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغايسەن ،ئەي! ئەڭ مەرھەممەتلىك ،مىھرىبان ،رەھىمدىل ئاللا.>> 4.ئىفتار قىلغاندا ئوقۇيدىغان دۇئا:<<ئى ئاللاھ، سەن ئۇچۇن روزا تۇتۇم،سەن بەرگەن رىزقىنىڭ بىلەن ئىفتار قىلدىم.>> بۇ دۇئالارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى. 5.يۇقارقى كىشىلەر روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.1.سەپەر ئۇستىدە بولسا (نامازنى قەسىر قىلىدىغان سەپەر). 2. كىسەل بولسا . 3. ھامىلدار بولسا. 4. بالا ئىمىتىۋاتقان ئايال. 5. مەجبۇرلاپ قورقۇتۇپ تۇرمىغا سالىمەن ، ئۆلتۇرمەن دەپ روزا تۇتقازمىسا. 6.ياشانغانلىقتىن روزا تۇتۇشقا قادىر ئەمەسلەر . 7. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىلار . 8.ئاچ قىلىش (قانداق ھالەتتە بولسۇن). 9.ئۇسسسۇز قىلىش (قانداق ھالەتتە بولسۇن ). كىسەلكتىنمۇ سەپەردىنمۇ ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بولسىمۇ. دېمەك؛ يۇقارقى كىشىلەر ئۆزىر لىك كىشىلەر دىيىلىدۇ. ئۆزىرسى تۇگىسە قازاسىنى بىر كۇنگە ئون كۇن تۇتىدۇ. شۇ ئۆزىرە بىلەن ساقايماي ئۆلۇپ كەتسە ،شۇ كىشىنىڭ باللىرى ياكى ئۇرۇق -تۇققانلىرى قازاسىنى تۇتىدۇ ياكى 1 كۇنلىك روزا ئۇچۇن 1 مىسكىنگە 1 كۇنلۇك تاماق بىرىدۇ.

تولۇق ئوقۇش

2008/08/07

UNIX ۋە شۇ خىلدىكى مەشغۇلات سىستىمىلىرى

1969 يىلى ئامىرىكا بىل لابىراتورىدا كىن تومپسون ۋە دېننىس رىچى تۇنجى قېتىم يۇنىكس مەشغۇلات سىستىمىنى بەرپا قىلىپ چىققان، بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى دەسلىۋىدىلا بىردىن ئارتۇق ئوخشىمىىغان مۇھىتتا مەشغۇلات ئېپبارالايدىغانMutlti Architech، بىردىن كۆپ ئىشلەتكۈچى تەڭ ئىشلىتەلەيدىغان Multi User ھەم بىرلا ۋاقىتتا بىردىن كۆپ ۋەزىپە Multi Task ئورۇندىيالايدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن . بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى دەسلىۋىدە ئاسسىمبىلي Assembly تىلىدە يېزىلغان، ئاندىن دېننس رىچى بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئۈچۈن سى پروگرامما تۈزۈش تىلىنى تۈزۈپ 1973 . يىلى يۇنىكسنى قايتىدىن يېزىپ چىققان . شۇنىڭ بىلەن بۇ مەشغۇلات سىستىمىسى تېخىمۇ ئىلغارلاشقان.شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يۇنىكسنىڭ كودى ئوچۇق بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان ھەم تىزلا باشقا شىركەت ۋە ئۈنىۋېرسىتلەردە تارقالغان . كودنىڭ ئېچىۋىتىلگەن بولىشى باشقا سى پروگراممىرلىرىنىڭ بۇ مەشغۇلات سىستىمىسىنى ئۆز ئالدىغا تەرەققى قىلدۇرىشىغا قولايلىق يارىتىپ 2 نۇسخسىسى ، كېيىنچە 3، 4، 5 ،6. نۇسخىلىرى چىققان، 1978 . يىلىغا كەلگەندە 600 دىن ئارتۇق كومپيوتر يۇنىكسنى قوللانغان . 1979. يىللىرىغا كەلگەندە 10 نۇسخىسى چىققان . بۇ ئارىلىقتا سىرتقا تارقالغان كودتىن بېرىكلى ئۈنىۋىرسىتى تەرىپىدىن تۇنجى BSD نۇسخىسا بالىققا كەلگگەن ۋە تەرەققى قىلىپ 1982 . يىلى BSD 4 گە يەتكەن ( بۇ كېيىنچە باشقا بىر قانچە يۇنىكىس تىپىدىكى مەشغۇلات سىستىمىلرىنىڭ ئاساسى بولىدۇ، باشقا بىر ماقالىمىزدە تەپسىلى تونىشىمىز ).1980 . يىلى AT&T يۇنىكسنى سېتىۋىلىپ UNIX System III نى 1982 . يىلى بازارغا سالغاندىن تارتىپ يۇنىكس AT&T نىڭ مەھسۇلاتى (System V) بولۇپ ھەقلىق بولۇپ قالغان، ھەم كودىمۇ بىللە تارقىتىلمىغان . بۇ ئىش خىلى كۆپ كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، بۇرۇن بار بولغان كودتىن پايدىلىنىپ ئايرىم مەشغۇلات يۇنىكس سىستىمىسى ياساشنى قارار قىلغان، بۇلاردىن Richard Stallman رىچارد ستولمان GNU ئىسمىدا بىر مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلەشنى قارار قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە خىل يۇنىكس ئىسمىدا مەشغۇلات سىستىمىلىرىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن بازارغا چۈشكەن .مايكروسوفتمۇ بىر مەزگىل ئۆزىنىڭ Xenix نى بازارغا سالغان . HP شىركىتىمۇ HP-UX نى بازارغا سالغان . Digital Ecuipmet بولسا VAX نى بازارغا سالغان . 1993 . يىلىغا كەلگەندە AT&T يۇنىكسنى Novell گە ساتقان، Novell كېيىنچە ئۇنى SCO غا ساتقان . ھازىر بار بولغان مەشھۇر يۇنىكس نۇسخىلىرىدىن سان شىركىتىنىڭ Sun Solaris مەشغۇلات سىتىمىسى (Sun OS ﻧﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ)، SCO نىڭ يۇنىكس قاتارلىقلىرى بار، ھەم باھاسى خىلىلا قىممەت.ئومۇمەن يۇنىكىس سىستىمىلىرى گىرافىك ۋە ئىشلەتكۈچى ئىكرانى جەھەتتىن ئانچە تەرەققى قىلمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمىلى مۇلازىمىتىر شەكلىدە خىزمەت قىىلش. تورلاشتۇرۇش ۋە توردىن باشقا كومپيوتېرلارنى باشىقۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئابونتلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە ناھايىتى كۈچلۈك سانىلىدۇ. ھازىر پېشىپ يېتىلگەن ۋىندوز، لىنۇكس سىستىمىلىرى ئوتتۇرغا چىقىشتىن بۇرۇن تور مۇلازىمەتلىرى ئۈچۈن چەۋەندازلىق رولىنى ئويناپ كەلگەن، گەرچە ھازىر ۋىندوز ۋە لىنۇكس ۋە BSD تىپىدىكى مۇلازىمىتىرلار تەرىپىدىن داڭقى تارايغان بولسىمۇ يەنىلا چوڭ تىپتىكى شىركەتلەر، لابىراتور ۋە تەجرىبىخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەپ كەلمەكتە. ھەقىقى يۇنىكس سىستىمىسىنى سىناپ باقماقچى بولغانلار ھازىر سان شىركىتىنىڭ سولارىس 10 . نەشىرىنى ئىنتىل تىپىدىكى ماشىنىلاردىمۇ سىنالايدۇ . بۇ بۇرۇن مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى .
مەنبە: كونا بىلىك كۇلۇبى

تولۇق ئوقۇش

2008/06/15

Linux دېگەن زادى نېمە؟

Linux دېگەن زادى نېمە؟ (What is Linux)ئۇزۇن زامانلار ئىگىرى، (70-يىللىرى ) Windows تېخى مەيدانغا كەلمىگەن ئىدى. UNIX بولسا ئىشلىتىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسى ئىدى.ئەپسۇسكى بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ باھاسى يېقىندا پەيدا بولغان Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدىنمۇ خىلى يۇقىرى ئىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر ئاقكۆڭۈل كىشى (مەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنىڭ قانداق يىزىلىشىنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن، شۇڭا ئاقكۆڭۈل بىر كىشى دەپ تۇراي، ھەرھالدا ئىسمىنى خاتا يىزىپ قويغاندىن كۆپ ياخشىدۇ) ھەقسىز مەشغۇلات سىستېىمىسىدنن بىرنى تۈزۈپ چىقماقچى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقت سەرپ قىلىپ بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدىن بىرنى تۈزۈپ چىققان. ھالبۇكى بۇ سىستېما ناھايىتى چوڭ، چوڭ بولغاندىمۇ چوڭلۇقنىڭ چىكىگە يەتكەن. ئۇنىڭ ئىچىدە مەشغۇلات سىستېمىسى، يۇمشاق دېتال، ھەر خىل ھۆججەت، ھەر خىل مىدىيانىڭ ماتېرياللىرى ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى. مۇشۇ ھەممە نەرسىلەر پەقەت بىرلا كىلىشىمنى ئورتاق ئىشلىتىلگەن ئىدى. بۇ دەل بىز دائىم تىلغا ئالىدىغان GPL كىلىشىمى ياكى LGPL كىلىشىمى ئىدى. بۇ كىشى بۇ سىستېمىسىغا ناھايىتى ھەيۋەت بىر ئىسىمدىن بىرنى قويماقچى بولۇپ، GNU-GUN is Not Unix دەپ قويۇپتۇ. يەنى« GNU-GUN بولسا Unix ئەمەس.» دېگەن مەنىدە.
LGPL كىلىشىمنى ئاددى قىلىپ چۈشەندۈرگەندە بارلىق ئەسلى كودى ئاشكارىلانغان، ھەرقانداق ئادەم ھەقسىز ئىرىشىدىغان، شۇنداقلا كود قوشۇشقا ۋە ئۆچۈرۈۋىتىشكە، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، ھەتتا پۇلغا ساتسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆزگەرتكەن يۇمشاق دېتال ۋە كود قوشۇپ ياسىاپ ساتماقچى بولغان يۇمشاق دېتال چوقۇم GPL كىلىشىمى ئىشلىتىشى كېرەك دېگەندىن ئىبارەت.
Linux بولسا دەل مۇشۇ GNU سىستېمىسى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى تۈزۈلگەن بىر مەشغۇلات سىستېمىسىدۇر. لىكىن Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ پەقەت بىرلا يادروسى بار. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى يادروسىنى فىللاندىيىلىك Linus ئىسىملىك بىر كىشى ياساپ چىققان. ھازىر بىز ئىشلىتىۋاتقان Linux مەشغۇلات سىستېمىسى دەل Linux يادروسىغا GNU سىستېمىسىدىكى نورغۇنلىغان ئىسىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان. ئامرىكا Redhat شىركىتى Redhat Linux نى ياساپ تارقاتقان، فرانسىيە Mandrake شىركىتى Mandrake Linux ياساپ تارقاتقان، گىرمانىيە SUSE شىركىتى SUSE Linux ياساپ تارقاتقان.Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاش Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشقا ئاساسىي جەھەتتىنئوخشىشىپ كىتىدۇ. سىزنىڭ دىققەت قىلىدىغان بىر ئىشىڭىز، ئالدى بىلەن ئالماشتۇرۇش رايونىدىن بىرنى ياسىۋىلىش. بۇنى ئادەتتە SWAPدەپ ئاتايمىز. بۇ Windows دا دىيىلىۋاتقان سۈنئىي ئىچكى ساقلىغۇچ بىلەن باراۋەر. ئادەتتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىدىن باشقا Linuxمەشغۇلات سىستېمىسى توردىن قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ، بىۋاستە توردىن قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن Linuxمەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىماقچى بولسىڭىز، پەقەتلا تەخسە ئارقىلىق قاچىلىيالايسىز. ئالدى بىلەن تەخسىنى سالىسىز، تەخسىيەياتقۇنى بىرىنچى قوزغىلىش دېتالى قىلىپ تاللايسىز، تەخسىدىن قوزغىلىپ قىزىل بايراق Linux نىڭ رەسىمى كۆرۈنىدۇ. ئاندىن قاچىلاشنى تاللايسىز. (سىز خەنزۇچىنى ئازراقلا بىلسىڭىز چوقۇم قىيلانمايسىز.) ئاندىن بىر يەردە كونۇپكا تاختىسى شەكلىنى تاللاڭ دەيدۇ، سىز pc104 شەكلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.ئاندىن سىستېمىنىڭ قاچىلاش تىپىنى سورايدۇ، مېھمان (Custom) شەكلىنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، (ياكى باشقا شەكىلنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ) باشقا جايلىرىنى چوقۇم ياخشى قىلالايسىز. تۆۋەندە مەن سىزگە Linux ھالىتىدىكى قاتتىق دىسكا رايونىنىڭ ئىپادىلىنىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.ئادەتتە C رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى س رايوننى كۆرسىتىدىغىنى /dev/hda1 D رايونغا ماس كىلىدىغىنى، يەنى د رايوننى كۆرسىتىدىغىنى dev/hda5 E رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى ئى رايوننى كۆرسىتىدىغىنى /dev/hda6 F رايونغا ماس كىلىدىغىنى يەنى ف رايوننى كۆرسىتىدىغىنى dev/hda7 بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ خۇددى Windows قا ئوخشاش دىسكا رايوننى فورماتلاش باسقۇچىغا كىرىدۇ. سىز سىستېما قاچىلىماقچى بولغان رايونىنى يۇيىۋىتىسىز، ئاندىن ئۇنىڭغا SWAP تىپىدا يېڭى رايون قۇرىسىز، (چوڭلۇقىنى ئىككىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە تەڭشەڭ، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 128 مىگابايىت بولسا بۇ رايوننىڭ چوڭلۇقىنى بۇنىڭ ئۈچ-تۆت ھەسسىسى قىلىپ تەڭشەڭ، ئەگەر ئىچكى ساقلىغۇچىڭىز 512مىگابايىت بولسا بۇ رايوننى بۇنىڭ بىر ھەسسىچىلىك قىلىپ تەڭشىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ئىككىنىڭ ھەسسىلىك سانى بويىچە تەڭشەڭ) دەپ كۆرسىتىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ. ئاشقان قىسمىدا يەنە بىر رايون قۇرۇپ تىپىنى ext3 خىل قىلىپ تاللايسىز، ئاندىن ئۇنىڭ mount point تىپى تاللاش تۈرى چىقىدۇ، سىز ئۇنى “/”قىلىپ تەڭشىسىڭىزلا ئاشقان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى بىر رايون قىلىپ بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاچىلاش باشلىنىپ كىتىدۇ.
مەنبە: http://ukij.org/munber/viewthread.php?tid=315###

تولۇق ئوقۇش

2008/06/09

لۇنىكسنى تاللىشىمدىكى سەۋەپ

مىنىڭ لۇنىكسنى تاللىشىمدىكى سەۋەپلەر:
1-لۇنىكىس ھەقسىز!
2-نەشىرلىرى ھەرخىل؛
3-ناھايىتى كۈچلۈك بولغان جەمىئىيەت ياردىمى بار!
4-قاتتىق دېتالغا نىسبەتەن تەلىپى ناھايىتى تۆۋەن!
5-ۋېرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى يۇقىرى.
6-داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
7- DRMخالىغانچە مۇزىكىلارنى چۈشۈرەلەيسىز!
8-WGAمەن باشقىلارنىڭ مېنى كۆزىتىشىگە ئامراق ئەمەس.
9-مەن كىچىك بالا ئەمەس!
10-لۇنىكىسنىڭ قىلالمايدىغىنى يوققۇ دەيمەن!
11-مىكروسوفت ئانا تىلىمغا ھۆرمەت قىلمىدى! " ف" ھەرىپى ئىسىڭىزدىدۇ؟

تولۇق ئوقۇش

2008/06/02

مەن Ubuntu نى قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىمەن؟

شۇنداق،مەن Ubuntu نى قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىمەن؟ بۇ تەرجىمە قىلىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.تۆۋەندىكىسى مىنىڭ تەجىربىلىرىم:1-ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى كۆرۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتتىم.ئادرېس: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=361
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=3292
ھەرقايسى مۇنبەر ۋە تورلاردىن Ubuntu توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشتىم.3-ھەرقايسى مۇنبەر ۋە تورلاردىن كومپىيوتىردا قوللىنىلىدىغان كەسپى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلارنى يىغىشقا باشلىدىم.(بولسا ئۇيغۇرچە XP تەييار تىل بولىقى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.)4-ئەڭ تىز ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە مۇنبەردىن (مەن ئىنتىل سەيناسىنى تاللىدىم،ئېچىلىش سۈرئىتى باشقىچىلا تىز جۇمۇ!) بىرنى (سەۋەپ: ئۇيغۇرچە خەت يېزىشىم كېرەكتە!)،ئاندىن ئاۋۇ يۇلغۇن تور لۇغىتى (تەرجىمان) بىلەن يۇلغۇن ئىملا (ئىملا بەكلا مۇھىم!) تور بېتىنى ئېچىۋالدىم.____ كومپىيوتىرىڭىز بولسا،يۇلغۇننى،ئۇيغۇرسوفت(بىلقۇت،ئالتۇنتاغ....) تەرجىمانىنى،ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى (كەنجى سوفت كوررېكتورى)نى قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.5-ھەپتىدە 5-10 سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ،بىر جۈملە بولسىمۇ تەرجىمە قىلىۋاتىمەن( قايسى بىر ۋاقىتتا Windowsنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرايلى دېگەن ياڭراق ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىدىم،ھازىر بولسا Linux ......ئاخىرىنى سىزدىن ئاڭلاي دەيمەن.سىز قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىسىز؟
ھۆرمەت بىلەن: ق.قۇددۇس

تولۇق ئوقۇش

2008/04/17

يۇنىكود دېگەن نېمە؟

يۇنىكود دېگىنىمىز، مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى بولسۇن،مەيلى قايسى خىلدىكى پروگرامما بولسۇن،مەيلى قانداق تىل بولسۇن،ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىگە پەقەت ۋە پەقەت بىردىنلا كود(نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، كومپيۇتېرلار پەقەت رەقەملەرنىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ. ئۇلار ھەر بىر ھەرپ ۋە بەلگىگە بىردىن نومۇر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا نىسبەتەن ساقلاش ئېلىپ بارىدۇ. يۇنىكود ئىجاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، نۇرغۇنلىغان پەرىقلىق كودلاش (نومۇر بېرىش) سىستېمىلىرى مەۋجۇت ئىدى. لېكىن ھېچقانداق كودلاش ئۇسۇلىدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئىپادىلەش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، يالغۇز ياۋرۇپا بىرلەشمىسىلا ئۆزىگە تەۋە بولغان بارلىق تىللارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرنەچچە كودلاش سىستېمىسىغا ئىھتىياجلىق بولاتتى. ھەتتا ئىنگىلىزچىغا ئوخشاش بىرلا تىل ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىكى بارلىق ھەرپلەر، تىنىش بەلگىلىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكىلىق بەلگىلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرلا كودلاش سىستېمىسى يوق ئىدى.
كودلاش سىستېمىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بار ئىدى. يەنى، ئىككى خىل كودلاش سىستېمىسى ئوخشىمىغان ئىككى ھەرپ-بەلگىگە ئوخشاش بىر نومۇر بېرەتتى ياكى ئوخشاش بىر ھەرپ-بەلگىگە ئوخشىمىغان نومۇرلارنى بېرەتتى. ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر(بولۇپمۇ مۇلازىمەتچى كومپيۇتېرلار) نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرىنى قوللاشقا ئىھتىياجلىق بولاتتى. ھالبۇكى، ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرى ياكى ئوخشىمىغان مەشغۇلات مۇھىتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ ئۇچۇرلار بۇزۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كىلەتتى.
يۇنىكود بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتمەكتە!
يۇنىكود مەيلى قايسى خىلدىكى مەشغۇلات مۇھىتى، مەيلى قايسى خىلدىكى پروگرامما ۋە ياكى مەيلى قانداق تىل بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ھەر بىر ھەرپ-بەلگىگە بىردىن-بىر نومۇر بېرىدۇ. يۇنىكود ئۆلچىمى ئاللىقاچان Sybase، Sun، SAP، Oracle، Microsoft،JustSystem ،IBM،HP ،Apple ۋە Unisys قا ئوخشاش سانائەت باشلامچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان كارخانىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى. ئۇ شۇنداقلا CORBA3.0 ،LDAP،ECMAScript(JavaScript)، Java، XML ۋە WLM قاتارلىق زامانىۋىي ئۆلچەملەر تەرىپىدىن تەلەپ قىلىندى. يۇنىكود ISO/IEC10640 نىڭ رەسمىي ئەمەلىيلىشىشىدۇر. ئۇ يەنە نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىلىرى، بارلىق تور كۈزەتكۈچىلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن مەھسۇلاتلار تەرىپىدىن قوللىنىلدى. يۇنىكود ئۆلچىمىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇنى قوللايدىغان قوراللارنىڭ مەۋجۇتلىقى نۆۋەتتىكى خەلقارا يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر يۈزلىنىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇنىكودنى خېرىدار-مۇلازىمەتچى مودېلىدىكى پروگراممىلار ياكى كۆپ قاتلاملىق ئەمەلىي قوللىنىلدىغان پروگراممىلار ۋە تور بەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئەنئەنىۋىي كودلاش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا ئىختىسادى جەھەتتىن كۆپ تېجەشلىك بولىدۇ. يۇنىكود بىر يۇمشاق ماتېرىيال مەھسۇلاتىنى ياكى بىر تور بېتىنى بىر قېتىملىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئارقىلىقلا كۆپ خىل مەشغۇلات مۇھىتلىرىدا، ئوخشىمىغان تىللار ۋە مەمىلىكەتلەردە ئىشلەتكىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان كۆپ خىل سىستېمىلار ئارىسىدا خاتاسىز ئۇزىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتى توغرىسىدا
يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتى ئىختىسادى جەھەتتىن پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ، ئۇ زامانىۋى يۇمشاق ماتېرىيال مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۆلچەملىرىدىكى تېكست ئۇچۇرلىرىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم - يۇنىكود ئۆلچىمىنى بېكىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئومۇمىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئورگاندۇر. بۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سانائىتىدىكى كەڭ دائىرىدىكى كارخانىلار ۋە ئورگانلارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەزكۈر جەمئىيەتنىڭ ئىختىسادى كىرىمى پەقەت ئەزالىق بەدىلىدىنلا كېلىدۇ. يۇنىكود ئۆلچىمىنى قوللايدىغان ۋە ئۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ھەم كېڭەيتىلىشىگە ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخس يۇنىكود ئىلىمى جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېگە بولاي دېسىڭىز سۆزلۈك جەدىۋىلى، يۇنىكودنى قوللايدىغان ئۆرنەك مەھسۇلاتلار، تېخنىكىلىق تونۇشتۇرۇش ۋە پايدىلىق ماتېرىياللار سەھىپىلىرىگە قاراڭ.
http://www.unicode.org

تولۇق ئوقۇش

2008/03/04

تورخانىدا BIOS نىڭ مەخپى نۇمۇرىنى يېشىش

قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي.
1.ئۇنۋېرسال ئۇسۇل:Award BIOS :j256、LKWPPETER、wantgirl、Ebbb、Syxz、aLLy、AWARD?SW、AWARD_SW、j262、HLT、SER、SKY_FOX、BIOSTAR、ALFAROME、lkwpeter、589721、awkard、h996、CONCAT、589589AMI BIOS:AMI、BIOS、PASSWORD、HEWITT RAND、AMI_SW、LKWPETER、A.M.I
2.يۇمشاق دېتال ئارقىلىق يېشىش: كۆپۈنچە ئىشلىتىدىغانلىرىمىز BiosPwds、Cmospwd
مەن كۆپۈنچە ئاۋۇ بىرىنچى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىمەن!

تولۇق ئوقۇش

 
@Powered By @QMaginit