2008/06/02

مەن Ubuntu نى قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىمەن؟

شۇنداق،مەن Ubuntu نى قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىمەن؟ بۇ تەرجىمە قىلىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.تۆۋەندىكىسى مىنىڭ تەجىربىلىرىم:1-ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئىككى تېمىنى كۆرۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملاتتىم.ئادرېس: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=361
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=3292
ھەرقايسى مۇنبەر ۋە تورلاردىن Ubuntu توغۇرلۇق چۈشەنچىگە ئېرىشتىم.3-ھەرقايسى مۇنبەر ۋە تورلاردىن كومپىيوتىردا قوللىنىلىدىغان كەسپى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلارنى يىغىشقا باشلىدىم.(بولسا ئۇيغۇرچە XP تەييار تىل بولىقى بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.)4-ئەڭ تىز ئېچىلىدىغان ئۇيغۇرچە مۇنبەردىن (مەن ئىنتىل سەيناسىنى تاللىدىم،ئېچىلىش سۈرئىتى باشقىچىلا تىز جۇمۇ!) بىرنى (سەۋەپ: ئۇيغۇرچە خەت يېزىشىم كېرەكتە!)،ئاندىن ئاۋۇ يۇلغۇن تور لۇغىتى (تەرجىمان) بىلەن يۇلغۇن ئىملا (ئىملا بەكلا مۇھىم!) تور بېتىنى ئېچىۋالدىم.____ كومپىيوتىرىڭىز بولسا،يۇلغۇننى،ئۇيغۇرسوفت(بىلقۇت،ئالتۇنتاغ....) تەرجىمانىنى،ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورى (كەنجى سوفت كوررېكتورى)نى قاچىلىسىڭىزلا بولىدۇ.5-ھەپتىدە 5-10 سائەتكىچە ۋاقىت چىقىرىپ،بىر جۈملە بولسىمۇ تەرجىمە قىلىۋاتىمەن( قايسى بىر ۋاقىتتا Windowsنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرايلى دېگەن ياڭراق ئاۋازنى ئاڭلىغان ئىدىم،ھازىر بولسا Linux ......ئاخىرىنى سىزدىن ئاڭلاي دەيمەن.سىز قانداق تەرجىمە قىلىۋاتىسىز؟
ھۆرمەت بىلەن: ق.قۇددۇس

0 ئىنكاسلار:

ئىنكاس يېزىڭ

ئىنكاسنى uyx.blogspot.com دا ئۇيغۇرچە يېزىپ كىلىپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىنى بىر زىيارەت قىلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.چۈنكى ئۇ يەردە نۇرغۇن بايلىق كۆمۈلۈپ ياتماقتا!

 
@Powered By @QMaginit